تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ ماڭماقتا

4-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32736گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 194 مىڭ 435 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 32736 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 6903 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 193 كىشى قازا قىلىپ، 4811 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 423 مىڭ 142گە، قازا قىلغانلار 14509غا يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا سۆزىدە يەنە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئادەم كۆپ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 938 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق