ماكرون: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشكە يول قويماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون خىتاينىڭ ب د ت رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ماكرون جۈمە كۈنى بىرۇت تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىز ب د ت نىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ ب د ت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تەلىپىنى رەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن.

ماكرون مۇخبىرنىڭ «فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللانماقچى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بۇ مەسىلىنى ئاللىقاچان شى جىنپىڭ بىلەن مۇزاكىرە قىلدىم. بۇ مەسىلىدە مەن خىتايغا ئۇرۇش ئاچمايمەن. مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئۇلار فىرانسىيەگە كەلگەندە ياكى مەن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش» دېگەن.

ماكرون يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بىردەك قارشى تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان تەكلىپ بېرىپ، مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى 9-ئايدا يەنە شەرقىي تۈركىستانغا خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، سەۋەبسىز لاگېرغا قاماش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. خىتاي ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق