شەرقىي تۈركىستاندىن بەش يىل ئىچىدە بايقالغان نېفىت زاپىسى 700 مىليون توننىدىن ئاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان نېفىت زاپىسى جەمئىي 700 مىليون توننىدىن ئاشقان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭغار ئويمانلىقىدا جەمئىي 737 مىليون توننا نېفىت زاپىسى يېڭىدىن چارلاپ ئېنىقلىنىپ، يېڭى نېفىت زاپىسىنىڭ ئېشىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

خەۋەردە يەنە نېفىتلىك شىركىتىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەينى-كەينىدىن ماخۇ كۆلى، جىمىسار يېيەنيوۋ ۋە جەنۇبىي گىرۋىكى قاتارلىق رايونلاردا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى نېفىت تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نېفىت-گاز چارلاپ تەكشۈرۈش رايونى ئىكەنلىكى، نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 11 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدىغانلىقى، 2020-يىلى 11-ئايغىچە بۇ رايوندا ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچ مىليارد 150 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 171 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ھازىر جۇڭغار ئويمانلىقىدا نېفىت-گازنى ئۇنىۋېرسال چارلاپ ئېنىقلاش دەرىجىسىنىڭ %26.6كە يەتكەنلىكى، بۇ يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 13 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئاشقانلىقى، 2025-يىلى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 15 مىليون 800 مىڭ توننىغا، نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتىنى 18 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان

بۇ خەۋەر 4072 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق