ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە تۆت شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان جۇڭشىن خەلقئارا چەكلىك شىركىتى (SMIC) ۋە دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى (CNOOC) قاتارلىق تۆت شىركەتنى رەسمىي قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مەزكۇر تۆت شىركەتنى خىتاي ئارمىيەسى ئىگىدارچىلىقىدا ياكى كونتروللۇقىدا، دەپ بېكىتكەن بولۇپ، قالغان ئىككى شىركەت خىتاي قۇرۇلۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە خىتاي خەلقئارا قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرى 35كە يەتكەن. گەرچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ قارا تىزىملىككە قارىتا ھېچقانداق جازا تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما پىرېزىدېنت تىرامپ يېقىن كەلگۈسىدە مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارا تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ياكى دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى قارا تىزىملىككە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ خوڭكوڭدا بازارغا سېلىنغان پاي چېكى %14كە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى ھەربىي كارخانىلىرىنىڭ مەزكۇر تىزىملىكى 1999-يىلدىكى قانۇن بويىچە تۇرغۇزۇلغان. بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئىگىلىكىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 2020-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ تىزىملىكنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي تېلېگراف شىركىتى ۋە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2020 11:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق