تۈركىيەدە بۈگۈن كەچتىن ئېتىبارەن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ

تۈركىيەدە بۈگۈن كەچتىن ئېتىبارەن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ 3-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32381 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سەھىيە مىنىستىرى بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 187 مىڭ 518 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 32381 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، 6511 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 187 كىشى قازا قىلىپ، 4190 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 418 مىڭ 331 گە، قازا قىلغانلار 14316 گە يەتكەن. فاھرەتتىن كوجا سۆزىدە يەنە: «بىمارلارنىڭ سانىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. يېپىق ۋە ئادەم توپلاشقان يەر ۋىرۇس ئەڭ ئاسان تارقىلىدىغان ئورۇن، شۇڭا قىش پەسىللىرىدە ئادەم كۆپ ۋە يېپىق ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن كەچتىن ئېتىبارەن ھەر ھەپتە جۈمە كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن باشلاپ، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 739 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2020 19:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق