تۈركىيەدىن خىتايغا ماڭىدىغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزى بۈگۈن يولغا چىقىدۇ

ئا خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىن خىتايغا ماڭىدىغان ئېكىسپورت پويىزىنىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باكۇ - تىفلىس - كارىس تۆمۈر يولى، ھازاردىن ۋە شەرق- غەرب ئوتتۇرا كارىدورىدىن ئۆتىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئېكىسپورت پويىزى 12 كۈندە خىتايغا يېتىپ بارىدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «تۈركىيەدىن خىتايغا ماڭىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئېكىسپورت پويىزىنىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىدىغانلىقى، مارمارايدىن ئۆتۈپ باكۇ - تفلىس - كارىس تۆمۈر يولى، ھازاردىن ۋە شەرق- غەرب ئوتتۇرا كارىدورىدىن ئۆتۈپ خىتايغا بارىدىغان پويىزنىڭ 8693 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئىككى قىتئە، ئىككى دېڭىز ۋە بەش دۆلەتتىن ئۆتكەندىن كېيىن 12 كۈندە يۈكلىرىنى خىتايغا يەتكۈزىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايغا بارىدىغان ئېكىسپورت پويىزى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 بىلەن ئىستانبۇل كازلىچەشمە بېكىتىدە ئۇزىتىلىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق سەپەردە جەمئىي 42 ۋاگون ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى توشۇيدىكەن.

بۇ خەۋەر 857 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2020 19:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق