گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىد قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يېڭى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ ، خىتاينى كەسكىن تەنقىد قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلات گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ ھۆكۈمەت كابىنېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. دوكلاتنىڭ بېشىدا خىتاي خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ، شۇنداقلا ئىلىم-پەن ۋە دىن ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كۈنسېرى قاتتىق چەكلەنگەنلىكى ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ، ئەدلىيە ئورگىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ ، خىتاي ئەدلىيەسى كومپارتىيەنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قورالى بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېنىق مەيدان ئىزھار قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئالاھىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش ، نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى كېڭەيتكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش پىلانى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرى بۇ رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىسپاتى بار ئىكەنلىكى، خىتاي تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ ، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىققانلىقى، ھەتتا سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزدى دەپ قاراپ خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ، «خىتاي -گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ»دېگەندەك تەھدىتلەرنى سېلىپ، گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنى خىتاي سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىردا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش ئالامىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپلا قالماي ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق