3 -دىكابىر كۈنى يېڭى شەپەق خەۋەر تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيىسىگە ئائىت ( XPCC ) شىركىتىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا: دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بارلىق پورتلىرىدىكى خادىملارغا XPCC شىركىتىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنى بۇيرۇغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، (XPCC) شىركىتىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان بۇ چەكلىمىنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە قويۇلغان ئالتىنچى چەكلىمە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا 7 -ئايدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسى باستۇرۇشنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا سودا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن مەھسۇلات سېتىۋالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.