ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقاردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەلىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى بار يۈكلەرنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ ، «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىشخانىسى خىتاي قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بار دەپ قارايدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاي قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلدى» دېگەن.

ئىگىلىنىشچە ، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان بارلىق پاختا ۋە پاختا بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىم-كېچەك ۋە بارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەزكۇر ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارشى ئېلان قىلىنغان ئالتىنچى قېتىملىق بۇيرۇق ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن كاتىپى كۇچىنېللى (KenCuccinelli)چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، « خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 1300 دىن ئارتۇق لاگېر تەسىس قىلدى. لاگېرغا 3 مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى سولىدى. لاگېردا نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي يېگۈزدى ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈردى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئۇ رايونلاردىكى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلدى »دېگەن.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ جەمئىيىتى (AAFA) ، ئامېرىكا پارچە سېتىش بىرلەشمىسى (NRF) ، ئامېرىكا مودا-سانائەت جەمئىيىتى (USFIA) ۋە پارچە سېتىش كەسپى جەمئىيىتى (RILA) مۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 1066 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق