1000 دىن ئارتۇق يوشۇرۇن ھەربىي سالاھىيەتلىك خىتاي ئامېرىكىدىن قاچتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل يازدا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە خىتاي جاسۇسلىرنىڭ سېڭىپ كىرىشىگە قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن بىرى 1000 دىن ئارتۇق يوشۇرۇن ھەربىي سالاھىيەتلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى ئامېرىكىدىن قېچىپ كەتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچى كاتىپى جون دېمېرس چارشەنبە كۈنى ئاسپېن ئىنستىتۇتى ئاقىللار ئامبىرى ساھىبخانلىق قىلغان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىدىكى سانائەت ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، نۇرغۇن خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكىنىڭ خىيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارىنىڭ مۇنداقلا چىقىرىلمىغان بولۇپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىغا قارشى تەكشۈرۈشلەر ئامېرىكىنىڭ 30 شەھىرىدە باشلانغان، يوشۇرۇن ھەربىي سالاھىيىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغان خىتايلار بىلەن 50 قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ بىراق ئۇلار ئۆز كىملىكىنى يوشۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىغا تەتقىقاتچى سۈپىتىدە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي ھەربىي خادىملىرى ئىكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ئىلگىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىش ئەھۋالى ھەممە جايغا يامرىدى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرگەن تەخمىنەن 5000 جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش دېلوسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «خىتايغا قارشى ھەرىكەت پىلانى» ئۆتكەن بىر يىلدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. نۆۋەتتە مىنىستىرلىق بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا، شۇنداقلا خىتاينىڭ قانۇنسىز ۋە يامان غەرەزلىك قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1062 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق