ش ئا ئە ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي ۋە روسىيەگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى تەتقىق قىلدى

نيويورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە روسىيە ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا روسىيە 2014-يىلى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن بولىسىمۇ، بىراق مۇستەبىت خىتاينىڭ غەربكە ئوخشاشلا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ياۋايى ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولغان ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى ئا. ۋېس مىچېل (A. Wess Mitchell) يېپىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، فىرانسيە پرىزدېنتى ماكرون ئىلگىرى قىلغان [شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى] دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب بىرىپ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى تېتىك ۋە ساغلام» دەپ كۆرسەتكەن.

مىچېل مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلات شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى 10 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەنلىكى، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر روسىيە بىلەن باشقىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئويلاشقانلىقى، ھەتتا خىتايمۇ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چوقۇم روسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيەلىك قارشىلىشىش دەۋرىدە ، ھەربىي ۋە سىياسىي سەۋىيىگە ماسلاشقان جۇغراپىيىلىك سىياسىي رىقابەتكە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىچىل مۇخبىرغا يەنە: «يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە ئىچكى بۆلۈنۈش زىيانلىق، بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتتىكى ئىچكى بۆلۈنۈش بىزنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ بۆلۈنۈشتىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچلۈك تەكىتلەندى» دېگەن.

دوكلاتنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدا خىتاي مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، غەربنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق، تەمىنلەش زەنجىرى، ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە قورال-ياراغ قاتارلىق غەربنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك تەقىب قىلىش تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق