ئامېرىكا خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن ماقۇللىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بۇ ھەپتە قانۇن ماقۇللاپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
«ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىنى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بۇ ھەپتە قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئۆلچىمىدىن ئۆتەلمىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشنى قارار قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى پارتىيە ھالقىغان مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرى سالغان مەبلەغلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى (USCC) كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئۆزى مەبلەغ سالغان پاي ھوقۇقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. USCC نىڭ رەئىسى روبىن كلېۋېلاند بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، «بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىمىز دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە كۈنسېرى تەھدىت سالماقتا » دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، USCC يەنە، خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلىمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشنى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشتىكى توساقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 922 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق