تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 31 مىڭدىن ئاشتى

2-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 31923غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 183 مىڭ 624 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 31923كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، 6690 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 193 كىشى قازا قىلىپ، 4821 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 414 مىڭ 141 گە، قازا قىلغانلار 14129گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا سۆزىدە يەنە پەسىل سەۋەبلىك يېپىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپەيگەنلىكىنى، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئازايتىش ئۈچۈن ئادەم كۆپ بولغان ۋە ھاۋا تەڭشەلمىگەن ئورۇنلارغا بارماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 746 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2020 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق