تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا 30 مىڭدىن چۈشمىدى

1-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 30110 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 180 مىڭ 312 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 30110 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، 5303 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 190 كىشى قازا قىلىپ، 4593 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 409 مىڭ 320گە، قازا قىلغانلار 13936گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا سۆزىدە يەنە ساقايغانلارنىڭ سانى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئاشمىغۇچە، سەھىيە سىستېمىسىنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ ماڭىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي تەدبىرلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 880 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق