جۇڭغار ئويمانلىقىدىن يەنە بىر چوڭ نېفىت زاپىسى بايقالدى

خىتاي سىنا تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدا 500 مىليون توننا مىقدارىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان.

خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم بايقالغان زور نېفىتلىك جۇڭغار ‍ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تېپىلغان بولۇپ، دائىرىسى تەخمىنەن 2000 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېفىت قېزىش ئەترەتلىرى جىددىي قېزىشنى باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 12 مىليارد توننىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا قاتتىق نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق