خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاياللىرى داۋاملىق ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ پەنەركە ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتىدا ئېغىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان، ئارىلىقتا يىغىن ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن. زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاياللار بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى ئەرلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئاياللارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇندىن بۇرۇن خىتايلار تارقاتقان ئېلانلاردىمۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ توپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىدىغانلىقى، ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتىنى تەلەپ بويىچە تەڭشەپ بېرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 4099 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق