مالايشىيا بىلەن خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا تىركەشتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا بىلەن خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا تىركىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزى قارمىقىدىكى ئاسىيا دېڭىز-ئوكياننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش تەشكىلاتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى 5402 نومۇرلۇق ساقچى پاراخوتى ئالدىنقى ئاينىڭ 19-كۈنى مالايشىيا ۋە تايلاندنىڭ شىركەتلىرى ھەمكارلىشىپ ئىشلىتىۋاتقان نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىغا يېقىنلاشقان. مالايشىيا خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ياردەمچى پاراخوتىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مالايشىيا يەنە دېڭىز قىرغىقى چارلاش پاراخوتىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ پاراخوت يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز رايونىنى چارلاپ، 24-نويابىرغا كەلگەندە خىتاي پاراخوتىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن.

گۇاڭخۇا تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن مالايشىيانىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى تىركىشىشى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە: «ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىش مەيدانىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دېگەن. خەۋەردە يەنە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا شىمالىي لۇكونىيا ساھىلىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي دېڭىز رايونى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ دېڭىز رايونىدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى كۆپ قېتىم دەۋا قىلغان. مالايشىيا ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي ئانالىزچىسى شاھرىمان لوكمەن «بۇ خىل ۋەقەلەر دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ئاز كۆرۈلەتتى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 929 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق