ھىندىستان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى رەت قىلدى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ سودا پىلانى باراۋەر سودا تەرتىپىنى بۇزىدۇ دەپ قاراپ، ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ سودا پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان سودا لىنىيەسىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان كەشمىر رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قېتىلمىغان.

ھىندىستان ۋەكىلى پىراكاش بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھىندىستان ھازىر بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھىندىستان مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى قايتا باھالاپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى يەنە سۆھبەت، نازارەت قىلىش ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئارقىلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق