خىتاي: ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھىندىستان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىر تەتقىقات ئورگىنى يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ ھىندىستان بىلەن بېنگالدىن ئىبارەت جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھىندىستان ۋە بېنگالغا باغلىغان تەتقىقات ئورنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شاڭخەي ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىكەن. تەتقىقات دوكلاتى 17-نويابىر خىتاينىڭ بىر تېببىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. كۈلكىلىك يېرى مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئالدى بىلەن خىتاينى گۇمان ئوبيېكتىدىن چىقىرىۋەتكەن ۋە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ ۋىرۇس مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي بۇ ئاتالمىش تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن بېنگالدىكى ۋىرۇسىنىڭ تۇيۇقسىز گېن ئۆزگىرىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن ئىكەن، شۇڭا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ تەتقىقاتتا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى دەپ گۇمان قىلىنغان سەككىز دۆلەت ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، گىرېتسىيە، چېخ، ھىندىستان ۋە بېنگال ئىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ھىندىستان بىلەن بېنگالنىڭ خىتاي بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى، شۇڭا ۋۇخەندىكى ۋىرۇسنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى دۆلەتتىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قىلىشى، ھەتتا تۆلەم تۆلەتكۈزىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىر قاتار ئۇسۇللارنى پىلانلىماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئىزچىل ھالدا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، گەرچە تۇنجى قېتىملىق ۋىرۇس خىتايدا بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ كەلگەن.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان خىتاي ۋىرۇسى ناھايىتى تېزلا خىتايدىن دۇنياغا تارقىلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر 63 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملىنىپ، بىر مىليون 500 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلغان.

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2020 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق