خىتاي خوجايىن: خىتايلارنىڭ ئىش ھەققى بەك يۇقىرى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتتىم

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىننى تارقاتقان خىتاي: «خىتايلارغا بېرىدىغان مائاش بەك يۇقىرى، ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتسەك ئوخشاش ئىشلىيەلەيدۇ» دەپ يېزىپ قويغان.

شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان خىتايلارنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئەزەلدىن سىر ئەمەس بولۇپ، يىللاردىن بېرى ھەتتا خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى سوراشقىمۇ چەكلىمە قويۇپ كەلگەن.

خىتاي يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىنى تەسىس قىلغاندىن سىرت، تىجارەتچىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى، دېھقانلارنىڭ ئۆي-زېمىنلىرىنى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق، خەلقنى ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ، ئارقىدىن «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش» باھانىسى بىلەن تۆۋەن مائاشتا ياكى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 4131 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2020 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق