خىتاينىڭ سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا ئۇرۇش تەييارلىقى تەكىتلەندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا دىققەتنى ۋە كۈچنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا كومپارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ قايتا تەكىتلەنگەنلىكى، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتا قىلىنغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-نويابىر شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئاچقان. يىغىندا شى جىنپىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى قاتارلىق ئۈچ بەلگىلىمىنى تەكىتلىگەن، بىراق ئۈچ بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئېلان قىلىنمىغان.

يىغىندا يەنە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق ئىجرا قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركەزلىك ۋە بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ مەركەزلىك ۋە بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئۇرۇش تەييارلىقىنى مەركەزلىك چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.

يىغىنىدا يەنە بىرلىككە كېلەلەيدىغان بارلىق كۈچلەر ۋە بارلىق ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدىنقى سەپنى مۇستەھكەملەشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2020 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق