تۈركىيەدە يېڭىدىن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى

30-نويابىر ئېچىلغان تۈركىيە ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان يېڭىدىن قارار قىلىنغان سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى چەكلىمە قارارىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «ھەپتە ئىچى ھەركۈنى كەچ سائەت 21:00دىن ئەتىگەن سائەت 5:00كىچە سىرتقا چىقىش چەكلىنىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا بولسا جۈمە كۈنى كەچ سائەت 21:00 دىن باشلاپ دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 5:00 كىچە سىرتقا چىقىش چەكلىنىدۇ. يەنى شەنبە، يەكشەنبە ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ. 65 ياشتىن يۇقىرىلار ۋە 20 ياشتىن تۆۋەنلەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىقسا بولمايدۇ. ئاشخانا-رېستورانلار تاماق يەتكۈزۈشتىن باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. يەسلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ ئورۇنلىرى بىر مەزگىل خىزمەتتىن توختايدۇ. مىلىچماللار دۇكىنى، تاللا بازىرى، قاسساپخانا، مېۋە دۇكىنى قاتارلىق ئورۇنلار بەلگىلىنىدىغان ۋاقىتلارنىڭ سىرتىدا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ».

ئەردوغان سۆزىدە يەنە يەنە ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىكى مۇھىم مەسىلىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىكەنلىكىنى، كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 30 مىڭغا يېتىشى تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەزكۇر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، بەلگىلىگەن تەدبىرنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2020 13:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق