تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە

30-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 31219غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 176 مىڭ 656 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 31219 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، 6514 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 188 كىشى قازا قىلىپ، 4485 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 404 مىڭ 727گە، قازا قىلغانلار 13746گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا سۆزىدە يەنە تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 904 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2020 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق