ب ب س خەۋەرلىرىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون خىتايدىن ساختا سۈرەت تارقاتقانلىقىغا قارىتا كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 30-نويابىر تىۋىتتېردا بىر سۈرەت ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، سۈرەتتە بىر ئاۋسترالىيە ئەسكىرى قوزا تۇتۇۋالغان بىر ئافغانىستانلىق بالىنىڭ يېنىدا قان يۇقى پىچاقنى تۇتۇپ تۇرغان. جاۋ لىجيەن سۈرەتكە قوشۇپ: «ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان پۇقرالىرى ۋە مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىز بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ يازغان. ئەمما بۇ سۈرەتنىڭ ئۆزگەرتىلگەن، ساختا سۈرەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بۇ سۈرەتنى ھەمبەھرىلىگەنلىكىدىن نومۇس قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ سۈرەت ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى ئافغانىستانلىق ئۆسمۈرنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەنمىگەن مىش-مىش گەپلەر ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردە بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت تېپىلمىغان.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلدىن 2013-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 25 ئاۋسترالىيە ئەسكىرى 39 ئافغانىستان پۇقراسى ۋە مەھبۇسنى ئۆلتۈرگەن، دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەزكۇر ئۆزگەرتىلگەن سۈرەتنىڭ كىمنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ توردا كەڭ تارقالغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى غەزىپىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ئەگەر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن نومۇس قىلماي، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى ئەيىبلىسە، بۇ ساددىلىق ۋە ئاڭسىزلىق بولىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە تەرەپ تىۋىتتېر شىركىتىدىن جاۋ لىجيەننىڭ بۇ يازمىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ساختا ئۇچۇرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.