فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ تۆت ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە قارىتا خىتايمۇ ئوخشاش جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىپادىسى ناچار دەپ قارالغان تۆت ئامېرىكىلىققا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ تۆت كىشى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى جون كىناۋۇس، ئامېرىكا خەلقئارا ئىشلار دېموكراتىيە جەمئىيىتى ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئاناند ۋە خوڭكوڭ شۆبىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى روسارىيو، تۈر مەسئۇلى شۆ دېئاۋلار ئىكەن.
خۇا چۈنيىڭ يەنە: «خوڭكوڭ خىتاينىڭ زېمىنى، خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكا خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى تەكرارلاشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا قارىتا ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ جازا تىزىملىكىنى كېڭەيتىپ، خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ يەنە تۆت ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.