خىتاي تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىدا كەنت قۇردى

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سۈنئىي ئارال ياساپ، دېڭىز تەۋەلىكىنى كېڭەيتىش ھىيلىسىنى قايتا ئىشقا سېلىپ، بۇ يىل تىبەت بىلەن بۇتان چېگراسىدىكى تاغلىق رايوندا يېڭى كەنت قۇرۇپ چىققان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تورسا دەرياسى قىرغىقىغا يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ، 20 نەچچە يېڭى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇتان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي قۇرغان بۇ يېڭى كەنت بۇتان زېمىنىنىڭ تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر ئىچىدە ئىكەن. سۈنئىي ھەمراھ خاتىرىلىگەن سۈرەتلەرمۇ بۇ ئەھۋالنى ئىسپاتلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل خىتاي ئارمىيەسى ھىمالايا تاغ تىزمىسىغا كۈچ توپلاپ، ھىندىستان ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان يەرگە بېسىپ كىرگەن. بۇ ھالەت خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە كەم دېگەندە 21 ھىندىستان ئەسكىرى ۋە نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆلگەن. چېگرادا تالاش-تارتىش باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ئەسكەرلىرى ھىندىستان ئىلگىرى كونترول قىلغان رايونلاردا چېدىر قۇرۇۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرغۇن قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆكتەملىك قىلىپ كەلگەن قىلغان بولۇپ، زېمىن تەلىپى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى قوغداشتىكى يامان نىيىتىنى ئاشكارىلىغان. خىتاينىڭ ھىمالايا تاغ تىزمىسىدا كەنت قۇرۇشىمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي چېگراسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىلغان كېڭەيمىچىلىكى بولۇپ، خىتاينىڭ يامان نىيىتى بۇتان زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشتىمۇ ئىپادىلەنگەن.

بۇتان بۇددا دىنى دۆلىتى بولۇپ، نوپۇسى ئاران 800 مىڭ كېلىدۇ. خىتاي بۇ يىل يازدا بۇتاننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە جايلاشقان ساكتېڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونىدىكى تەخمىنەن 750 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوندىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلغان.

بۇ خەۋەر 895 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2020 13:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق