ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش لايىھەسى ئامېرىكىدىكى ئىككىلا پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەندىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بىرېنت كىرىستېنسېن 28-نويابىردىكى بىر ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلارر پارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى»نى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلى تەيۋەنگە بەش مىليارد 200 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بېردىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئورگان تورىدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، تەيۋەننىڭ كېلەر يىلى مەزكۇر زور سوممىلىق قورال سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تىرامپ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بىر قاتار زور كۆلەمدىكى قورال-ياراغلارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ جيەن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشى بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپ. خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىق» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنىمۇ كۈچەيتكەن. بۇلارنىڭ قاتارىدا ھەربىي ئايروپىلانلارنى كۆپ قېتىم تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى لىنىيەسىدىن ئۇچۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.