گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» 29-نويابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەت لايىھەسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىش پەيتىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر لايىھەدە دېموكراتىك دۆلەتلەر مۇستەبىت كۈچلەر ۋە يېپىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تولۇقلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. لايىھەدە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە پەيدا بولغان جىددىيچىلىك ۋە بىر قىسىم ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلىشى، ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك مۇھىتقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىشى، جۈملىدىن سەزگۈر چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش، تور خاككېرلىرى قاتارلىق تەھدىتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان لايىھەسىنىڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ 11-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىك يىغىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنگەن.