ئۇيغۇر ئاياللار پولات-تۆمۈر سېخلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا

خىتاي ۋىرۇسى كەڭ تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللار خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئەرلەرگىمۇ ئېغىر كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئېغىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا 20 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ پىلاستىك كۈپ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بولسا ئوخشاشلا بىر ياش ئۇيغۇر قىزنىڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەرلەرنى قېرى-ياش دېمەستىن، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولسا، يەنە بىر تۈركۈم قىز-ئاياللار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.

بۇندىن بۇرۇنمۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاسساپلىق قىلىۋاتقان، يۈك توشۇۋاتقان، ھاشارغا سېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 4383 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2020 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق