فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيەنىڭ 60 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىدا يەنىلا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش مەسىلىسىمۇ بار ئىكەن. گەرچە خىتاي ئاللىقاچان بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋە خۇسۇسىي دوختۇرخانىلاردا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قېتىم سانىنىڭ كۆپلۈكىگە ئاساسلانغاندا، زاپاس ئىچكى ئەزالارنىڭ سانى ۋە كۆچۈرۈلۈش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى رېكورت بۇزغان.
خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ھازىرغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ كەلگەن. ئەمما ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي ھەر يىلى 1000 دىن ئارتۇق ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىكەن. چەت ئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش جىنايىتىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىگە قاماش قىلمىشلىرى خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگان ئوغرىلاش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 60 تىن ئارتۇق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى: «بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئېنىقسىزلىققا قارىماي، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك» دەپ قارىغان. بۇ يىل 15-سېنتەبىردە ئۇلار خىتاي ۋە فىرانسىيەنىڭ سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىلمىي ھەمكارلىقىدىكى ئاشكارىلىقنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان قانۇن لايىھەسى سۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋە فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ئادەم ئورگانلىرى بىلەن تەمىنلەشتە روشەن پەرق بار بولۇپ، فىرانسىيەدە ئورگان مەنبەسى كەمچىل، شۇنداقلا ئورگان كۆچۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساقلاش ۋاقتى تەخمىنەن ئۈچ يىل ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا %30-%15 ئەتراپىدىكى بىمار ئەزا كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. خىتايدىكى ۋەزىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئادەم ئورگانلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 146 دوختۇرخانىدا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەزا كۆچۈرمەكچى بولغان بىمارنىڭ ئوتتۇرىچە ساقلاش ۋاقتى ئاران 12 كۈن ئىكەن. شۇڭلاشقا خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدا تەمىنلەنگەن ئەزالارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەمىنلىگۈچىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن.