ئىراننىڭ يادرو فىزىكا ئالىمى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ يادرو فىزىكا ئالىمى مۇھسىن فاھرىزادە 27-نويابىر ئىراننىڭ تېھران ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئابسەرد ناھىيەسىدە قوراللىق سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۇيىقەست قىلغۇچىلار مۇھسىن فاھرىزادىنىڭ ماشىنىسىغا موتوسىكلىت بىلەن كېلىپ ھۇجۇم قىلغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىشىشتا ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن ئەڭ ئاز ئۈچ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ جەريانىدا مۇھسىن فاھرىزادىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بىلەن شوپۇرىمۇ ئۆلگەن.

مۇھسىن فاھرىزادە «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 فىزىكا ئالىمى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئالىملارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئىراندا «يادرو فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ تونۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخو 2018-يىلى ئېچىلغان بىر يىغىندا مۇھسىن فاھرىزادەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ ئىسىمنى ئۇنتۇماڭلار» دېگەن ئىكەن.

سۇيىقەست يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى بۇ سۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىران ئىنقىلاب قوغدىغۇچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى مۇھسىن فاھرىزادەنىڭ ئىنتىقامىنى چوقۇم ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 3-يانۋاردا ئىراننىڭ ئىنقىلاب قوغدىغۇچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ قۇددۇس قىسمى قوماندانى قاسىم سۇلايمانى باغدادتا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىراندا 2010-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بەش يادرو فىزىكا ئالىمى سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ فىزىكا ئالىملىرى بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان مۇھىم ئالىملار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2020 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق