تاڭنۇرى ئانا تىل مەكتىپى ئۆسمۈر قىزلارغا تور لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇردى

29-نويابىر نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تارمىقىدىكى تاڭنۇرى ئانا تىل مەكتىپى قىز ئوقۇغۇچىلارغا «ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى» تېمىسىدا تور لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇردى.

تور لېكسىيەسىگە پىسخولوگ مۇنىرە خانىم تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تاڭنۇرى كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە تاڭنۇرى ئۆسمۈر قىزلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا قىزلار، ئىپارە قىز تەلىم-تەربىيە ئۆيىدىكى قىزلار، شۇنداقلا نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىكى خانىملارنىڭ قىزلىرى قاتناشتى.

لېكسىيەدە مۇنىرە خانىم يېشى، سەۋىيەسى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قىزلارنىڭ ئەسلىدىلا گۈزەللىك، لاتاپەت ۋە چىرايدىكى جەلپكارلىققا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىنتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ نورمال ئىنسان تەبىئىتى ئىكەنلىكى، بىراق ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ئەسلى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئىكەنلىكى، ئەخلاق ۋە ئىلىم تېپىلمىغان كىشىدە گۈزەللىكنىڭمۇ تېپىلمايدىغانلىقى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە زىت كىيىنىشنىڭ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ كىشىنى قەدىر-قىممەتسىز قىلىۋېتىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

لېكسىيە ئاخىرىدا قىزلار تۈرلۈك سوئاللىرىنى سوراشتى ۋە بۇ مەنپەئەتلىك لېكسىيەگە بولغان رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 5374 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2020 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق