تىرامپ ھۆكۈمىتى كىسىنگېر قاتارلىق 11 مەسلىھەتچىنى ئالماشتۇرۇۋەتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تىرامپ ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز دۆلەت مۇداپىئەسى مەسلىھەت كېڭىشىدىكى 11 مەسلىھەتچىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىدا ھېنرى كىسىنگېرمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىشخانىسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى باسكو بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى بىلەن، شۇنداقلا تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «كىسىنگېر خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن يېقىنلىشىش، دىيالوگ قۇرۇش سىياسىتىنى بەرپا قىلغۇچى بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە 30-40 يىل تەسىر كۆرسەتتى. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق مەسلىھەتچىلەرنى تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باسقان چوڭ قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا مەزكۇر مەسلىھەت كېڭىشىدىكى خىتايپەرەس ئەزالارنى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئەمما بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ 11 مەسلىھەتچىنى قوش سالاھىيەتكە ئىگە، دەپ قارىغان.

بۇ خەۋەر 1168 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2020 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق