جازا لاگېرىدىن چىققانلارنىڭ تەكشۈرۈشنامىسى خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش باھانىلىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر پارچە تەكشۈرۈشنامىدە، بىر ئۇيغۇر جازا لاگېرىغا قامىلىش سەۋەبىنى ۋە جازا لاگېرىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىدىيەسىدىكى «ئۆزگىرىشلەر»نى يازغان.

ئۇ تەكشۈرۈشنامىدە ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا جازا لاگېرىغا كىرگەنلىكىنى ۋە 2019-يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، جازا لاگېرىغا قامىلىش سەۋەبى بولسا، مەھەللە ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشماسلىق، بايراق چىقىرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق، تېلېفون ئالاقىسى قويۇق بولۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىش، ھۈنەر-كەسىپ ئىشلىرىدا باردى-كەلدىسى كۆپ بولۇش ۋە ئاساسى قاتلام خىزمەتلىرىگە قاتناشماسلىق قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇ يەنە ئاتالمىش «تەربىيەلەش»كە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ قانۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي، ئۈچ خىل كۈچ ۋە دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىنى، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن «ئۈچ خىل كۈچنىڭ زىيىنى»نى تونۇپ يەتكەنلىكىنى يازغان.

مەزكۇر خەتكە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشى پەقەت بايراق چىقىرىشقا قاتناشماسلىق، تېلېفون ئالاقىسى كۆپ بولۇش... دېگەندەك ئەرزىمەس سەۋەبلەر بىلەن جازا لاگېرىغا ئىككى يېرىم يىلدىن ئارتۇق قامالغان. بۇندىن بۇرۇن ئاشكارىلانغان بىر سىندىمۇ بىر قىز ئۆز ئاكىسىنىڭ بايراق چىقىرىشقا چىقمىغانلىقى سەۋەبلىك جازا لاگېرىغا قامالغانلىقىنى، لاگېردىن چىققاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ باستۇرۇش، مېڭە يۇيۇش ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا.

بۇ خەۋەر 4117 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2020 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق