دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋىرۇس تۇنجى بولۇپ ۋۇخەندە بايقالغان

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋال باش مۇتەخەسسىسى راين تۈنۈگۈن خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ خىتايدا بايقالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

راين خىتاي ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ خىتايدىن باشقا جايلاردا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پىكىرگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «خىتاي ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ خىتايدا پەيدا بولمىغان» دېگەن سۆزنىڭ پۈتۈنلەي پەرەزگە ئاساسەن ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكىنى، ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ ۋۇخەندە بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «سىز تەكشۈرۈشنى تۇنجى كېسەل بايقالغان جايدىن باشلىشىڭىز كېرەك» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويغان.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولغىنىغا بىر يىل بولاي دېگەن ۋاقىتتا، خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرى ۋۇخەنگە بېرىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-نويابىر توردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ خەۋىرى تارقىلىش بىلەن تەڭ خىتاي تاراتقۇلىرى ۋىرۇسنىڭ تۇنجى بولۇپ باشقا دۆلەتلەردە پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كۈچەپ تارقىتىشقا باشلىغان. خىتاي بۇندىن بۇرۇن ۋىرۇس مەنبەسىنى ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتلەرگە ئارتىپ باققان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي تاراتقۇلىرى خىتايدا تارقالغان ۋىرۇسنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەن توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدەك قاراشنى تارقاتقان.

بۇلاردىن سىرت، يېقىندا قەشقەردە تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەن يەشىكلەردىن تارقالغانلىقى خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلىشقا باشلىغان.

خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغاندىن بۇيان، خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ يىل 7-ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىككى مۇتەخەسسىسى خىتايغا زىيارەتكە بارغان بولسىمۇ، ئۈچ ھەپتە تۇرۇش جەريانىدا بېيجىڭنىڭ سىرتىغا چىقالمىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 50 نەچچە دىپلوماتىيە ئەمەلدارىدىن ئېرىشىلگەن ئىچكى ماتېرىياللار ۋە زىيارەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تەلىپى خىتاينىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2020 13:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق