خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئىگىلىۋالماقتا

2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارغا ھەقسىز ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلى قاتارلىق يۇقىرى تەمىناتلار بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كۈچەيگەن ئىدى.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارغا شەرقىي تۈركىستان خەلقى قان-تەرى بىلەن يېتىشتۈرگەن ياڭاق، چىلان، ئالما ۋە تاۋۇز-قوغۇنلۇق باغلارنىڭ بېرىلگەنلىكى، تەييار باغقا ئېرىشكەن خىتايلارنىڭ بۇلارنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە خېرىدار تاپماقچى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇن تارقالغان سىنلاردا بولسا ئۆز يۇرتلىرىدا تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقان ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ، ئاياللارنىڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان بولۇپ، بۇلار يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشغال قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى سۈپىتىدە روشەن سېلىشتۇرما بولماقتا.

بۇ خەۋەر 4289 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2020 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق