خىتاي ۋىرۇس تارقىتىش مەسئۇلىيىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىشقا تىرىشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پۈتۈن دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئۆز تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ۋىرۇس مەنبەسىنى باشقا دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بۇندىن بۇرۇن ۋىرۇس مەنبەسى ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىلارنى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى دەپ جار سالغان. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ يىل مارت ئېيىدا ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋىرۇسنى ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىدىن بۇ مەسىلىگە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي يەنە خىتاي كونتروللۇقىدىكى بارلىق تاراتقۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغىغان. بۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا خىتاينىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، يۇقۇم كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شۇنچە ئالدىراپ ۋىرۇسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىش سەۋەبى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئىكەن. ئامېرىكىغا چاپلىغان تۆھمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان خىتاي ئەمدىلىكتە ۋىرۇسنىڭ چەت ئەلدىكى توڭلىتىلغان يېمەكلىك زەنجىرىدىن كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

ئۆتكەن بەش ئاي ئىچىدە خىتاي نۇرغۇن ئىمپورت قىلىنغان توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردە ياكى ئۇلارنىڭ ئورالمىسىدا ۋىرۇس بايقىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئېكۋاتوردىن كەلگەن راك، رۇسىيەدىن كەلگەن سىياھ بېلىقى، نورۋېگىيە ۋە ھىندونېزىيەدىن كەلگەن بېلىق، بىرازىلىيەنىڭ توخۇ قانىتى ۋە بىرازىلىيە، يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەن كالا گۆشى قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورگان تاراتقۇسى بولغان خەلق گېزىتى 25-نويابىر فېيسبۇكتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندە ئەمەس، بەلكى ئىمپورت قىلىنغان توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە خىتاينىڭ ۋۇخەندە بايقىلىپ كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، خىتاي ۋۇخەننىڭ ۋىرۇس مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئىنكار قىلماقتا، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ۋۇخەنگە كىرىپ، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2020 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق