نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مۇيەسسەر خەندانغا مېداليون تەقدىم قىلدى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىزى مۇيەسسەر خەنداننىڭ ب ب س باھالىغان بۇ يىللىق «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئايال» قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن خانىم-قىزلارغا بېغىشلانغان «نۇزۇگۇم ئىزباسارى» مېداليونى ۋە ئەتلەس تون تەقدىم قىلدى.

نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇيەسسەر خەنداننىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى، جۈملىدىن نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئەزالىرىنىمۇ قاتتىق ھاياجانغا سالغانلىقىنى، ئۇ ئېرىشكەن بۇ شەرەپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى پەخىرلەندۈرگەنلىكىنى ۋە غەمكىن يۈرەكلەرگە تەسەللىي بەرگەنلىكى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ھەدىيەلەرنى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇۋالغان مۇيەسسەر خەندان : «مەن بۇ نەتىجەمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمگە بۇنچىلىك خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن ھەقىقەتەن خوش بولدۇم… مېنى تەبرىكلىگەن سىلەرگە ۋە سىلەر ۋەكىللىك قىلغان بارلىق خەلقىمگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

بۇ خەۋەر 5776 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2020 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق