26-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29132 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 168 مىڭ 348 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 29132 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، 6876 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 174 كىشى قازا قىلىپ، 3291 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 388 مىڭ 771 گە، قازا قىلغانلار 13014 كە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە: «كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى ماس قەدەمدە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقنىڭ قوللانغان تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر توپىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2020 11:16:00