خىتاي «تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى تىزىملىكى» تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە «تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى تىزىملىكى»نى تۈزۈپ چىققانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن 25-نويابىر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ تىزىملىكنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتىلغانلىقى، ھەرگىزمۇ تەيۋەن خەلقىگە قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ۋە قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇ فېڭليەننىڭ باياناتى خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئالدىدىكى ۋاقىتنى ئەسلىتىدىكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆز ۋاقتىدا خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ پەقەت چېكىدىن ئاشقانلارنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى قارشى پىكىردىكىلەرنى جازالاشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خوڭكوڭنىڭ «ئاخبارات گېزىتى» تورى بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرگە قاتتىق جازا ۋە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى» ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى باشقا ماددىلارغا ئاساسەن، ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئاتالمىش «تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەرەپدارلىرى تىزىملىكى» تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى پائالىيەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

ئالدىنقى ئايدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەندىكى 23 مىليون ئاھالە ئىچىدە مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، %63.4 تەيۋەنلىك تەيۋەننىڭ تىنچلىق ياكى ئۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىكەن. نۆۋەتتە «مۇستەقىللىق» تەيۋەن جامائەت پىكىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلانغان.

بۇ خەۋەر 945 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق