تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە يېڭى نىزامنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25-نويابىر تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ ۋالىيلىرىغا « Covid-19 نى تىزگىنلەش» ناملىق نىزامنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، كەلگۈسى تۆت كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغان تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسىتىلگەن.

نىزامنامىدە تازىلىق، ماسكا ۋە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق نىزاملارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق سودا رايونلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نىزامنامىدە كەلگۈسى تۆت كۈندە ئىجرا قىلىنىدىغان تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن:

26-، 27-، 28-، 29-نويابىر كۈنلىرى پۈتۈن ۋىلايەت-شەھەرلەردە پۇقرالار كۆپ توپلىشىدىغان جايلار، بولۇپمۇ بازارلار، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە سودا سارايلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.

ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ سان چەكلىمىسى، HES كودى، ماسكا تاقاش ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىدا زۆرۈر بولغان باشقا تازىلىق تەدبىرلەر تەپسىلىي تەكشۈرۈلىدۇ.

ھەربىر بازار ئۈچۈن ئايرىم بازار باشقۇرغۇچى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

سودا- سارايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئايلىنالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە خىزمەت ۋاقىتلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلىدۇ. ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكى تەكشۈرۈلىدۇ.

يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتىدىن كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ يۇقۇملانغۇچىلار خېلى كۆپىيىپ قالغان. ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچە ياشانغان كىشى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قازا قىلغان.

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2020 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق