تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 168 ئادەم قازا قىلدى

25-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە 24 سائەت ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 28 مىڭ 351 ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان كېسەللەرنىڭ 6814 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى يەنە، نۆۋەتتە ئىستانبۇلنىڭ ۋىرۇسنىڭ 3-باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، 15 ۋىلايەتتە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ %50 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 25-نويابىر بىر كۈن ئىچىدە 168 كىشى قازا قىلغان. شۇنداقلا 3911 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، كېسىلى ئېغىر بولغانلار 4641 كىشىگە يەتكەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 385 مىڭ 480غا، قازا قىلغانلار 12840قا يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە: «يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرى بىزنىڭ قولىمىزدا، بۇ تەدبىرلەر سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن تېخىمۇ تېز ئۈنۈم بېرىدۇ. خەلقنىڭ قوللانغان تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر توپىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خەلقنىڭ تەدبىرلەرگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش ياكى كۈچەيتىش قارار قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2020 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق