خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى كۈچەيمەكتە

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ 25- نويابىردىكى خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە قۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن قۇرغان ھەمكارلىقى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر سىستېما رۇسىيەنىڭ «تۇندرا» ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سۈنئىي ھەمراھى ۋە خىتاي تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان «ۋورونېش» يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادار پونكىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئىكەن. مەزكۇر سىستېما باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئوربىتىسى، سۈرئىتى، ئۇچۇش ۋاقتى ۋە توسۇشقا ئېھتىياجلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خىتاي ئارمىيەسى بۇ يىل رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «غەلىبە» ناملىق پاراتقا قاتناشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ: «رۇسىيەنىڭ خىتايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش جەھەتتىكى ياردىمى خىتاينىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى ژۇرنىلى»نىڭ ماقالىسىدە موسكۋا مۇداپىئە مۇتەخەسسىسى ئىگور كوروتچېنكو(Igor Korotchenko)نىڭ: «بۇ رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا قوشقان زور تۆھپىسى. بۇ قورال خىتاينى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى يادرو ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولۇشىدىن ساقلاپ قالالايدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك «ۋالداي» خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبى يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن رۇسىيە 60 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا توختام ئىمزالىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىنىڭ دوكلاتىدا رۇس ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، رۇسىيەنىڭ يەنە خىتاي بىلەن ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە خىتاي رادارلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرق تەرەپتىن تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2020 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق