بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا، كىچىك بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىنىسى بىلەن ياڭاقلارنى پوستىدىن ئايرىۋاتقان كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىننى بىر خىتاي ئايال سىنغا ئالغان بولۇپ، ئۇلاردىن: «قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ بۈگۈن مەكتەپكە بارمامسىلەر؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان. ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ 11 ياشقا كىرگەنلىكىنى، بۈگۈن مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي سىننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە بۇ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە ياڭاق پوستى ئاقلاپ ئىشلىگەنلىكىنى، بىر كىلوگىرام ياڭاقنى پوستىدىن ئايرىسا، بىر يۈەن ئىككى مو ئىش ھەققى ئالىدىغانلىقىنى، كۈندە 50 كىلوگىرامنى تۈگىتەلەيدىغانلىقىنى يېزىپ قويغان.
بۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇنلىغان سىنلاردا بۇنىڭدەك كىچىك بالىلارنىڭ بوۋىسى ياكى مومىسى بىلەن بازارلاردا مېۋە سېتىۋاتقان، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بەزىلىرى يېتىمگە ئايلانغان بولسا، بەزىلىرى ئانىسى ياكى بوۋا-مومىلىرى بىلەن يالغۇز قالماقتا. بۇلار بىر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى مەجبۇرىي باشتىن كەچۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوڭلارغا ئوخشاش ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.