ھىندىستان خىتاينىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئەپ دېتالىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان 24-نويابىر يەنە 43 ئەپ دېتالنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر-تېخنىكا مىنىستىرلىكى سەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى، چەكلەنگەن دېتاللارنىڭ ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم چەكلەنگەن خىتاينىڭ ئەپ دېتاللىرى ئىچىدە ئەلىبابا شىركىتىنىڭ ئالپاي، ئەلى ئىكسپرېس قاتارلىق بىر نەچچە مۇھىم ئەپلىرىمۇ بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بۇ يىل 9-ئايدا خىتاينىڭ 118 خىل يانفون ئەپ دېتالىنى چەكلىگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بۇ دېتاللار بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ ھىندىستانغا تەھدىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ فېڭ بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2020 13:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق