24-نويابىر تەيۋەن قانۇن پالاتاسى پارتىيە ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۆركەش دۆلەت كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا سايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت تەيۋەن نۇسخىسىدىكى ماگنىتىسكى قانۇنىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنداقلا خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى نىشان قىلىدىكەن.
ئەينى ۋاقىتتىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان. ئۇ يىغىنغا سۆز قىلىپ، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، تەيۋەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز كىملىكى قىلغان ئاساستا، شۇنداقلا ياردەمسۆيەر دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارادىكى تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.