شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ئۈچۈن يىغقان ئىئانە پۇلىنى ئېلان قىلدى

خىتاينى سوتلاش ئۈچۈن ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىئانە پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 20 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق ئىئانە يىغىلغان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىپ، ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىدە تەشكىلات رەھبەرلىكى ۋە ئەزالىرىدىنلا يىغىلغان ئىئانە پۇلىنىڭ جەمئىي 131563 لىرا، 100 ياۋرو ۋە 10916 دوللار بولغانلىقىنى، بۇلارنى دوللارغا سۇندۇرغاندا جەمئىي يىغىلغان پۇلنىڭ 27908 (يىگىرمە يەتتە مىڭ توققۇز يۈز سەككىز) دوللار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بۇ يىل 9-ئايدا لوندوندا قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينى خەلقئارالىق سوتقا تاپشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش مەقسەت قىلىنغان. نۆۋەتتە مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ دەلىل-ئىسپات يىغىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 5755 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2020 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق