يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملاشماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان جايلار قامال قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر يىپ زاۋۇتىدا ئوخشاش رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيىۋېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماسكا تاقىۋالغان بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئاشكارىلىغان بىر خىتاي بۇنداق زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى كۈندە 13 سائەت ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئايدا 500 يۈەن مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى، جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلارغا بولسا ھېچقانداق مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىمۇ تەڭ ئىجرا قىلماقتا. بۇ جەرياندا نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3790 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2020 13:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق