ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئادىتى بويىچە مېيىت ئۇزىتىشقا مەجبۇرلانماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز: بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن ئەۋەتىلگەن بىر ئۇچۇر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە مېيىت ئۇزىتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يوللانغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار خەلقىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلايدىكەن. كىشىلەر ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەندە، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چەتكە قېقىپ، تۆھمەت چاپلاپ جازالىنىدىكەن. جازادىن قورقۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايمەن، دەپ جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ بولسا، كېيىنچە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى چوقۇم خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قازا قىلغاندا مېيىتىنى تازىم قىلغۇزۇپ، شام كۆيدۈرۈپ ئۇزىتىشقا مەجبۇرلىغان.

يوللانغان ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بەزى ۋىلايەتلەردە خەلقنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە غېجەك چېلىپ دەپنە قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇچۇردا يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، مەلۇم يېزىدا ياشانغان بىر كىشى قازا قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى مېيىت بار ئائىلىگە بىر خىتاينى نازارەتچىلىككە ئەۋەتكەن. خىتاي مېيىت ئۇزىتىلىپ بولغانغا قەدەر كۆزىتىپ تۇرغان. مېيىتنى مەسچىتكە ئاپارسا مەسچىت تاقاق بولۇپ، قەبرىستانلىققىمۇ پەقەت ئون كىشىنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. باشقا جىنازا كۆتۈرگەنلەر دەپنە ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 3883 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2020 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق