24-نويابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7381گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 162 مىڭ 231 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 7381 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بىر كۈن ئىچىدە يەنە 162 كىشى قازا قىلغان. 3678 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي 381 مىڭ 569غا، قازا قىلغانلار 12672گە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە: «يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرى بىزنىڭ قولىمىزدا. بۇ تەدبىرلەر سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن تېخىمۇ تېز ئۈنۈم بېرىدۇ. خەلقنىڭ قوللانغان تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر توپىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.